5506 次阅读
4 条回复
abzas boyiche körüsh meshiqi(维汉翻译)语言交流
ئابزاس بويىچە كۆرۈش مەشىقى
1.
بىزنىڭ مەكتەپ بەك گۈزەل. سىنىپلىرىمىز ئازادە ۋە يورۇق،پارتىلار رەتلىك قويۇلغان. مۇئەللىم سىنىپقا كىرگەندە ھەممىمىز ئورنىمىزدىن تۇرۇپ سالام بېرىمىز.
2.
مۇئەللىم بىزگە دەرسنى بەكمۇ ياخشى چۈشەندۈرىدۇ. بىز ئاساسەن ھەممىنى تولۇق ئۆگىنىۋالىمىز.
3.
مۇئەللىم بىزگە مۇنداق دېدى: <<تىرىشىپ ئوقۇڭلار، چوڭلارنى ھۆرمەتلەڭلار، ھەرقانداق جايدا تازىلىققا رىئايە قىلىڭلار>>
4.
بىز ئاتا-ئانىمىزنىڭ، مۇئەللىملەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلايمىز.ئۇلارنى ياخشى كۆرىمىز ۋە ھۆرمەتلەيمىز.
5.
ئىككى ئوغلاق
بار ئىكەن، يوق ئىكەن ئۆتكەن زاماندا ئىككى ئوغلاق بار ئىكەن.
ئۇلار بىر جايدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەنىكەن.ئۇلار سەكرەپ-تاقلاپ بەكمۇ ئىناق ۋە خۇشال-خۇرام ياشايدىكەن.
بىر كۈنى ئىككى ئوغلاق تۇيۇقسىز ئىنچىكە بىر تاختا كۆۋرۈكتە بىر-بىرىگە دۇچ كېلىپ قاپتۇ. قارا ئوغلاق ئاق ئوغلاققا <<ماڭا يول بەر>> دەپتۇ.
ئا ئوغلاق:<<يوق، سەن ماڭا يول بەر>> دەپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى بىر-بىرىگە زادى يول بەرمەي ئۈسۈشۈپتۇ.
ئۇلار ئۈسۈشۈپ ئاخىرى ئككىلىسى سۇغاتىك موللاق چۈشۈپتۇ.
6.
كىم توغرا قىلدى
يالقۇننىڭ دىلشات ۋە مۇختەر دېگەن ئىككى دوستى بار ئىدى. ئۇلار ئۈچىلىىسى بىرىنچى سىنىپتا ئوقۇيتتى.
ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا ھېساب دەرسدىن تاپشۇرۇق بەردى. يالقۇن تاپشۇرۇق بېرىلگەن ئۈچ مەسىلىدىن بىرنى ئىشلىيەلمىدى.
يالقۇن ئەتىسى ئەتىىگەندە مەكتەپكە بېرىپ، دىلشات بىلەن مەختەرنى كۆرۈش بىلەنلا:<<مەن تاپشۇرۇق بېرىلگەن ئۈچ مەسىلىدىن بىرنى ئىشلىيەلمىدىم>>دېدى.
_مەن ئىشلىپ بولدۇم، مە، چۆچۈرۈۋال،_دېدى دىلشات.
_يالقۇن، كۆچۈرۈۋالمىغىن، ئۇ مەسىلىنى مەن چۈشەندۈرۈپ قوياي، ئۆزۈڭ ئىشلىگىن،_ دېدى مۇختەر.
مۇختەرنىڭ چۈشەندۈرۈپ قويۇسى بىلەن يالقۇن ئۇ مەسىلىنى ئاخىرى ئۆزى مۇستەقىل ئىشلەپ چىقتى.
完成了,2点30分了,我要下了