阅读:3450回复:3

习近平2015新年贺词维语版

楼主#
更多 发布于:2015-01-05 06:56
有很多时政、流行词汇。

维语视频:http://uyntv.cntv.cn/2015/01/01/VIDE1420090563824919.shtml
显示如果有问题可访问这里:http://www.nur.cn/news/2015/01/201733.shtml


يېڭى يىل ھارپىسىدا دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسى، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى، مەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى ئارقىلىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى قىلدى، سۆزنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە: ۋاقىت تېز ئۆتۈپ ھەش پەش دىگۈچە 2014-يىل ئۆتۈپ، 2015-يىل كېلىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ، كونا يىلنى ئۇزىتىپ يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىۋاتقان مۇشۇنداق پەيتتە مەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار ۋە ئاۋمىن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە چەتئەللەردىكى مۇھاجىر قېرىنداشلار، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت ۋە ھەرقايسى رايوندىكى دوسلارنىڭ يېڭى يىلىنى قۇتلۇقلايمەن.
2014-يىلى ئۇنتۇلغۇسىز بىر يىل بولدى، بۇ بىر يىلدا بىز ئىسلاھاتنى قەيسەرلىك بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدۇق، بىر يۈرۈش زور ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى چىقاردۇق، نۇرغۇن ئىسلاھات تەدبىرلىرى پۇقرالارنىڭ مەنپەئەتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، بىز ئىقتىسادى تەرەققىياتتىكى يېڭى ھالەتكە ماسلىشىپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى يەنە ياخشىلىدۇق، 12-دېكابىر كۈنى جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش ئوتتۇرا لىنيەسىنىڭ بىرىنچى باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشىدا رەسمىي سۇ باشلاندى، لىنيە بويىدىكى 400 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالە باشقا جايغا كۆچۈپ، بۇ قۇرۇلۇش ئۈچۈن خالىسانە تۆھپە قوشتى، بىز ئۇلارغا ئېھتىرام بىلدۈرىمىز. ئۇلارنىڭ يېڭى يۇرتىدا بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز، بۇ بىر يىلدا بىز ئىستىلنى ئوڭشاپ ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، شەكلىۋازلىق، بيوگراتلىق، راھەتپەرەسلىك ۋە ھەشەمەتچىلىك ئىستىلىغا نۇقتىلىق قارشى تۇردۇق، نەتىجىدە ئەھۋالدا كۆپ ياخشىلىنىش بولدى، بىز چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۆرىشىنى كۈچەيتىپ، قەتئىي يول قويماسلىق پوزىتىيەسى بىلەن چىرىك ئۇنسۇرلارنى قاتتىق جازالاپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، رەزىللىكنى جازالاشتىكى قەتئىي ئىرادىمىزنى نامايەن قىلدۇق، بۇ بىر يىلدا بىز دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىق ۋە ئالاقىنى كۈچەيتىپ، بېيجىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي يىغىنىنى ئۆتكۈزدۇق، ئېلىمىز رەھبەرلىرى نۇرغۇن قېتىم چەتئەللەرگە زىيارەتكە چىقتى، چەتئەل رەھبەرلىرىمۇ نۇرغۇن قېتىم ئېلىمىزگە زىيارەتكە كەلدى، بۇ پائالىيەتلەر ئارقىلىق دۇنيا جۇڭگونى تېخىمۇ ياخشى تونۇدى.
بۇ خىزمەتلەرنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن بىزنىڭ ھەر دەرىجىلىك كادىرلىرىمىزمۇ جاپالىق تىرىشتى، ئەلۋەتتە خەلقنىڭ قوللىشى بولمىغان بولسا بۇ خىزمەتلەرنى ياخشى قىلىشىمىز قىيىن ئىدى، مەن ئۇلۇغ خەلقىمگە ئاپىرىن ئەيتىمەن.
بۇ بىر يىلدا قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلبىسى خاتىرە كۈنى، ئىنقىلاۋى قەھرىمانلار خاتىرە كۈنى، نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلار دۆلەت تەزىيە كۈنى بېكىتىلىپ، داغدۇغۇلۇق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى، مەيلى قايسى دەۋردە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر دۆلەت ئۈچۈن، مىللەت ئۈچۈن،تىنچلىق ئۈچۈن قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلغان كىشىلەرنى مەڭگۈ ئۇنۇتمايمىز.
بۇ بىر يىلدا بىز كىشىنى قايغۇغا سالىدىغان پەيتلەرنىمۇ باشتىن كەچۈردۇق، مالايسيە ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ MH370بەلگىلىك ئايروپىلانى يۈتۈپ كېتىپ، 150 نەچچە قېرىندىشىمىزنىڭ ئىز دېرىكى بولمىدى، بىز ئۇلارنى ئۇنۇتمىدۇق، بىز چوقۇم داۋاملىق تىرىشىپ، ئامالنىڭ بارىچە ئۇلارنى تاپىمىز، بۇ بىر يىلدا دۆلىتىمىزدە بەزى زور تەبئىي ئاپەت ۋە بىخەتەرلىك ۋەقەلىرى يۈز بەردى، نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز بەختكە قارشى بىزدىن ئايرىلدى، يۈننەن ئۆلكسىنىڭ لۇدىيەن ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە 600 نەچچە كىشى قازا قىلدى، بىز ئۇلارنى ياد ئېتىمىز، ئۇلارنىڭ ئۇرۇغ تۇغقانلىرى ئامان ئېسەن بولغاي.
يېڭى يىل قوڭغۇرىقى چېلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا، بىز داۋاملىق تىرىشىپ خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ھەرىكىتىمىزگە ئايلاندۇرۇپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى تۇرمۇشىمىزدا رىياللىققا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك، بىز داۋاملىق ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز، ئارقىغا چېكىنمەسلىكىمىز كېرەك، ئىسلاھاتتا قەتئىي ئالغا قاراپ ماڭغاندىلا ئاندىن غەلبە قىلالايمىز، بىز دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئارقىلىق خەلقنىڭ ھوقۇقى مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، جەمئىيەت ئادىللىقى ۋە ھەققانىيلىقىنى قوغداپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز لازىم، بىز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنى تەڭ قەدەمدە ئېلىپ بېرىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش نىشانىنى ئۆز مۇددىتىدە ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.
ئېلىمىزدە خەلق تۇرمۇشى كۈنسېرى ياخشىلانماقتا، ئەمما بىز تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرنى ھەر ۋاقىت ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك، بىز تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنى،بولۇپمۇ نامراتلارنى يۆلەش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئاساسى تۇرمۇشقا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى قىلىپ، يېزىلاردىكى نامرات ئاھالە، شەھەرلەردىكى قىيىنچىلىقى بار ئامما قاتارلىق ياردەمگە مۇھتاج بارلىق كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز، ئۇلارنىڭ قەلبىنى ئىللىتىشىمىز كېرەك.
بىز داۋاملىق پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش، ئىستىلدا بۇرۇلۇش ياساشتا قەتئىي تەۋرەنمەسلىكنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتەك ئۆتكۈر شەمشىرىمىزنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، تۈزۈم قەپىزىنى پۇختىلاپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى سوتسيالىستىك دۆلەتتە چىرىك ئۇنسۇردىن بىرى بايقالسا بىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، چىرىكلەشكەنلەرنى، خىيانەتچىلەرنى قاتتىق جازالىشىمىز لازىم.
بىز ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلىۋاتىمىز، قەتئي تەۋرەنمىسەكلا ئاندىن غەلبە قىلالايمىز، يېرىم يولدا توختاپ قالساق، ھىچقانداق ئىشىنى باشقا ئېلىپ چىقالمايمىز، بىزنىڭ پىلانىمىز ئۇلۇغ پىلان، كۆرىشىمىز مۈشكۈل، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ،كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۇرسەتتىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىرادىدىن مۇستەھكەم قورغان ياساپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، قىيىن مەسىلىلەرنى قەتئىي ھەل قىلىپ، جاسارەت بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى يىلدىن يىلغا ياخشىلىشى كېرەك.
جۇڭگو خەلقى ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىستىقبالىغا، دۇنيانىڭ ئىستىقبالىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئافرىقىدا ئىبۇلا يۇقۇمى بولغاندا ياردەم بەردۇق، مالدىۋىنىڭ پايتەختىدە سۇ توختاپ كېتىۋىدى ياردەم بەردۇق، نۇرغۇن مۇشۇنداق ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز جۇڭگو خەلقىنىڭ ھەرقايسى دۆلەت خەلقى بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى، نۆۋەتتە دۇنيا يەنىلا تىنچسىز، بىز تىنچلىقنى تەشەببۇس قىلىمىز، بىز دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل خەلقىنىڭ ئورتاق تىرىشىپ، بارلىق خەلقنى ئاچ يالىڭاچلىقنىڭ ئازاپ ئوقۇبىتىدىن، بارلىق ئائىلىنى ئۇرۇش ئازاپ ئوقۇبىتىدىن خالى قىلىپ، بارلىق بالىلارنىڭ تىنچ مۇھىتتا ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.
كۆپچىلىككە رەھمەت!

   时间过得真快,2014年就要过去了,2015年正在向我们走来。在这辞旧迎新的时刻,我向全国各族人民,向香港特别行政区同胞和澳门特别行政区同胞,向台湾同胞和海外侨胞,向世界各国和各地区的朋友们,致以新年的祝福!
   2014年是令人难忘的。这一年,我们锐意推进改革,啃下了不少硬骨头,出台了一系列重大改革举措,许多改革举措同老百姓的利益密切相关。我们适应经济发展新常态,积极推动经济社会发展,人民生活有了新的改善。12月12日,南水北调中线一期工程正式通水,沿线40多万人移民搬迁,为这个工程作出了无私奉献,我们要向他们表示敬意,希望他们在新的家园生活幸福。这一年,我们着力正风肃纪,重点反对形式主义、官僚主义、享乐主义和奢靡之风,情况有了很大改观。我们加大反腐败斗争力度,以零容忍的态度严惩腐败分子,显示了反腐惩恶的坚定决心。这一年,我们加强同世界各国的合作交往,主办了北京亚太经合组织领导人非正式会议,我国领导人多次出访,外国领导人也大量来访,这些活动让世界更好认识了中国。
   为了做好这些工作,我们的各级干部也是蛮拼的。当然,没有人民支持,这些工作是难以做好的,我要为我们伟大的人民点赞。
   这一年,我们通过立法确定了中国人民抗日战争胜利纪念日、烈士纪念日、南京大屠杀死难者国家公祭日,举行了隆重活动。对一切为国家、为民族、为和平付出宝贵生命的人们,不管时代怎样变化,我们都要永远铭记他们的牺牲和奉献。
   这一年,我们也经历了一些令人悲伤的时刻。马航MH370航班失踪,150多名同胞下落不明,我们没有忘记他们,我们一定要持续努力、想方设法找到他们。这一年,我国发生了一些重大自然灾害和安全事故,不少同胞不幸离开了我们,云南鲁甸地震就造成了600多人遇难,我们怀念他们,祝愿他们的亲人们都安好。
   新年的钟声即将敲响。我们要继续努力,把人民的期待变成我们的行动,把人民的希望变成生活的现实。我们要继续全面深化改革,开弓没有回头箭,改革关头勇者胜。我们要全面推进依法治国,用法治保障人民权益、维护社会公平正义、促进国家发展。我们要让全面深化改革、全面推进依法治国如鸟之两翼、车之双轮,推动全面建成小康社会的目标如期实现。
   我国人民生活总体越来越好,但我们时刻都要想着那些生活中还有难处的群众。我们要满腔热情做好民生工作,特别是要做好扶贫开发和基本生活保障工作,让农村贫困人口、城市困难群众等所有需要帮助的人们都能生活得到保障、心灵充满温暖。
   我们要继续全面推进从严治党,毫不动摇转变作风,高举反腐的利剑,扎牢制度的笼子,在中国共产党领导的社会主义国家里,腐败分子发现一个就要查处一个,有腐必惩,有贪必肃。
   我们正在从事的事业是伟大的,坚忍不拔才能胜利,半途而废必将一事无成。我们的蓝图是宏伟的,我们的奋斗必将是艰巨的。全党全国各族人民要团结一心,集思广益用好机遇,众志成城应对挑战,立行立改破解难题,奋发有为进行创新,让国家发展和人民生活一年比一年好。
   中国人民关注自己国家的前途,也关注世界的前途。非洲发生了埃博拉疫情,我们给予帮助;马尔代夫首都遭遇断水,我们给予支援,许许多多这样的行动展示了中国人民同各国人民同呼吸、共命运的情怀。当前世界仍很不安宁。我们呼唤和平,我真诚希望,世界各国人民共同努力,让所有的人民免于饥寒的煎熬,让所有的家庭免于战火的威胁,让所有的孩子都能在和平的阳光下茁壮成长。
   谢谢大家。
[notabene于2015-01-05 07:08编辑了帖子]

最新喜欢:

charwichicharwi... Fredrik_ChangFredri... hindi2014hindi2...
沙发#
发布于:2015-01-05 13:51
这个~~~~~~~
板凳#
发布于:2015-01-08 21:22
你好棒啊。
地板#
发布于:2015-02-04 21:55
游客

返回顶部